بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما

بىر بالا دېرىزە ئالدىدا دەرس تەييارلاپ ئولتۇرسا، دېرىزىدىن ماراپ تۇرغان كۈن: «قاچانغىچە ئوقۇيسەن؟ بۇ ياققا چىق، ئوينايمىز» دەپ كۈلۈپتۇ. بالا كۈنگە قاراپ: «ياق، بولمايدۇ! ئويناشقا ۋاقتىم يوق. ئاۋۋال دەرسىمنى تەكرار قىلىۋالاي، ئاندىن ئوينايمەن» دەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

دېرىزە ئالدىدىكى دەرەخنىڭ ئۇ شېخىدىن بۇ شېخىغا ئۇچۇپ، پىرىلداپ يۈرگەن قۇشقاچ ۋىچىرلاپ:
— بولدىغۇ دەيمەن، چىقمامسەن، ئوينايلى! — دېگەندەك ئىشارەت قىپتۇ.
بالا قۇشقاچقا قاراپ:
— كەچۈرگىن، قۇشقىچىم! دەرسىمنى تەكرار قىلىۋالاي، ئاندىن ئوينايلى! — دەپتۇ.
بالا كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئوقۇۋېرىپتۇ، دېرىزىگىمۇ قارىماپتۇ.

 

دېرىزە تۈۋىدە قىپقىزىل پىشىپ كەتكەن ئالۇچا:

— تېخىچە ئوقۇپ بولمىدىڭمۇ؟ بۇ يەرگە چىق، بىرئاز دەم ئال، ئالۇچىلاردىن يە، — دەپتۇ.

— ياق، قىپقىزىل ئالۇچىلىرىم، بولمايدۇ، دەرسلىرىمنى تەكرار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن چىقىپ ئالۇچا يەي، زېھنىمنى بۆلمەڭلار، – دەپتۇ بالا. 

بالا ئۆتۈلگەن دەرسلىرىنى تەكرار قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىتاب، دەپتەرلىرىنى رەتلەپ، سومكىسىغا سېلىپ ئېسىپ قويۇپتۇ – دە، تالاغا چىقىپ:

— قېنى مەن بىلەن ئوينايدىغانلار؟ كېلىڭلار، ئوينايمىز، — دەپتۇ.

   ئۇنىڭغا قاراپ كۈن ئىسسىق چىراي ئېچىپتۇ. قۇشلار سايراپ كېتىپتۇ. قېپقىزىل ئالۇچىلار شاخلىرىنى ئېگىپ تۇرۇپتۇ.